ئاق شېئىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ شېئىر شەكلى ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەر ئەدەبىياتدا بولۇپ ، كېيىنچە ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ تەسىر قىلغان، بۇ شېئىر «سېللابىك» شېئىر تۈزۈلۈشىدىكى مىسرالىرى ئۆزئارا قاپىيىلەنمىگەن شېئىر تۈرى _ قاپىيىسىز شېئىردۇر.
ئاق شېئىر تېرمىنى مىسرالارنىڭ قاپىيىلەنمەي كېلىشىدىن، يەنى ئاق قېلىشىدىن ئېلىنىغان. لېكىن بۇ نەرسە ئاق شېئىرنىڭ رىتىملىق بولۇشىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى مۇكەممەل رىتىم بولۇشىنى تەقەززار قىلىدۇ. ئاق شېئىرنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرىنى ئىنگىلىز ئېپوسىدا ۋە رۇس، ئۆزبېك شائىرلىرى ئىجادىدا كۆرىمىز.
مەسىلەن:
لۇغىتىمدا سۆزۈم شۇنچە كۆپ،
قايسىبىرى بىلەن باشلايكىن؟
شۇنچە شادمەن، شادلىقىم چەكسىز....
شۇنچە شادىلىقىمدىن ئۆسىدۇ !
سېنتەبىرنىڭ كېچىسى سالقىن،
ئانام كەبى يۇمشاق، بىئازار.
شولىلىرى ئەرشىكىچە يەتكەن،
يانار پىئونېرلار مەشئىلى.
شۇ دۇنيادا مەن گويا سۆيۈنچتىن،
قانات ياساپ ئۇچتۇم پەلەككە.
ئاشۇ بەلەند ئاسمان تۈۋىدىن
ياشلىغىمنى تەبرىك ئەيلەدىم.
(ئوسمان ناسىر)
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا 20 - يىللار مەزگىلىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى بۇ شەكىلىدە بەزى شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان:
مەسىلەن:
قۇياش چىققانغا كۆپ بولدى،
پۈتۈن دۇنيادا كۈندۈزدۇر.
ۋە لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭنى،
قۇرۇمدەك قاپقارا كۆردۈم.
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى )