UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتكۇلىمىناتسىيە

كۇلىمىناتسىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە kolmen چوققا سۆزىدىن بەدىئىي ئەسەردىكى ۋەقەلەر راۋاجىنىڭ ئەۋج ئالغان نۇقتىسى، ئىش - ھەرىكەت ۋە كۈرەشنىڭ كەسكىنلەشكەن ئورنى. بۇ نۇقتىداد ئەسەرنىڭ باش تېمىسى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن: «مارجان» ھېكايىسىدە لاۋازىل ئائىلىسىنىڭ بىر دانە مارجان ئۈچۈن ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ مۇشەققەتلىك تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويۇشى، ئون يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، كەمبەغەلچىلىكنىڭ بارلىق ئاچچىق - چۈچۈكىنى تېتىپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە قەرزلىرىنى پۈتۈنلەي تۆلەپ بولۇشى بۇ ھېكاينىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى بولىدۇ. مانا بۇ نۇقتا ئەسەردە ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ كەسكىنلەشكەن چوققىسى بولۇپ، باش تېمىنى ئېچىپ بېرىدۇ. «ئاق چاچلىق قىز» نىڭ ئەۋجىگە چىققان نۇقتىسى بەشىنچى پەردىسىدە، يەنى زومىگەر پومېشچىك خۇاڭ شىرىننى كۈرەش قىلغان ئاممىۋى چوڭ يىغىن كۆرۈنۈشىدە ئىپادىلەنگەن. پۈتكۈل ئوپېرا ۋەقەلىكى راۋاجلىنىپ بۇ باسقۇچقا يەتكەندە، باش قەھرىمان شېئىرنىڭ خاراكتېرى ئەڭ تولۇق نامايان بولۇپ تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچىدۇ. «كونا جەمئىيەتنىڭ ئادەمنى جىنغا، يېڭى جەمئىيەتنىڭ جىننى ئادەمگە ئايلاندۇرۇش» تەك مەركىزىي ئىدىيىسى بۇ يەرگە كەلگەندە مۇكەممەل ئىپادىلىنىدۇ. («ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى»، تۈزىتىلگەن نۇسخا، يې چۈن باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى. 571 - بەتتىن ئېلىندى)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
كۇلىمىناتسىيە | UyghurWiki | UyghurWiki