UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىيات - سەنئەتتە قارا يىپ دىكتاتۇرلىقى نەزەرىيىسى

ئەدەبىيات - سەنئەتتە قارا يىپ دىكتاتۇرلىقى نەزەرىيىسى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان ئەكسيەتچى سەپسەتىلەرنىڭ بىرى، ئۇلار 1966 - يىلى قۇراشتۇرغان <قىسىملار ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسى> بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. لىن بياۋ ۋە <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> بۇ سەپسەتىسى ئارقىلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتنى خاراپ قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ فاشستىك فېئوداللىق ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار 17 يىللىق ئەدەبىيات - سەنئەتنى ھاقارەتلەپ، شانلىق نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار 17 يىللىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى <قارا نەزەرىيە>، <بۇرژۇئازىيە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسى> ... دېدى. بارلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرىنى <خائىنلار> دېدى ۋە زىيانكەشلىك قىلدى. بارلىق ياخشى ئەسەرلەرنى <زەھەرلىك چۆپ> دەپ جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات