فولكلور
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىنگلىزچە خەلق ھېكمەتلىرى دېگەن مەنىدە
خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان ئەسەرلەر خەلق ئېغىز ئىجادى دەپ ئاتىلىدۇ. خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان بەدىئىي ئەدەبىيات «فولكلور» دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خەلق ئېغىز ئىجادى ئىنسانلار ھاياتىدا بىرلىشىپ ئەمگەك قىلىش باشلانغاندىن كېيىنلا پەيدا بولغان، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ئىجادى (ماقال - تەمسىل، بېيىت - قوشاق، داستان، لەتىپە، چۆچەكلەر) ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنى، ھېس - تۇيغۇ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن، كېيىنرەك، بولۇپمۇ سىنىپىي جەمئىيەتتە خەلق ئېغىز ئىجادى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرىشىنى ئىپادىلەپ، ئەزگۈچى زالىملارغا قارشى ئەڭ باتۇر، يېڭىلمەس كۈرەش قورالى بولۇپ كەلدى.
خەلق ئېغىز ئىجادى يېزىق ۋە يازما ئەدەبىيات پەيدا بولۇشتىن كۆپ زامانلار ئىلگىرى پەيدا بولغان ۋە يازما ئەدەبىيات ئۈچۈن ئاساس بولغان، خەلق ئېغىز ئىجادى بىلەن يازما ئەدەبىيات ھەر دائىم بىر بىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى،
قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر قانداق بىرەر خەلقنىڭ ئېغىز ئىجادى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس.