UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوبرازلاشتۇرۇش

ئوبرازلاشتۇرۇش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىر ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئىجتمائىي تۇرمۇشنى كونكرېت، تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈش جەريانى ۋە ئۇسۇلى ئوبرازلاشتۇرۇش بولىدۇ. يازغۇچى بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتا، ئادەتتە، ئاۋۋال تۇرمۇشنى بىلىش جەريانىنى، ئاندىن ئۇنى ئىپادىلەش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئوبرازلاشتۇرۇش جەريانى ئاساسەن تۇرمۇشنى ئىپادىلەش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بەدىئىي ئوبراز تۇرمۇش ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، بەلكى ئۇ كونكرېت، تەسىرلىك شەكىللەر ئارقىلىق تۇرمۇش ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوبرازلاشتۇرۇش جەريانى يەنە يىغىنچاقلاش ۋە ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانى بولىدۇ. ئوبرازلاشتۇرۇش _ ئۇقۇم ۋە قىياسىي ھۆكۈم قوللىنىدىغا پەننىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن ئەدەبىياتنى پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسىي بەلگە. گەرچە، بەزىدە غەيرىي ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ تەسۋىر، ئوخشىتىش، سىمۋول قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرى قوللىنىلىپ، مەلۇم بىر ئابستراكت شەيئى كونكرېت، تەسىرلىك ئوبرازلىقلىققا ئىگە قىلىنسىمۇ، ئۇ ئوبرازلاشتۇرۇلغان بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات