UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىياتنىڭ چىنلىقلىقى

ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقلىقى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن يېتىدىغان چىنلىق سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولغانلىقتىن، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر تەسۋىرلىگەن پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئوبيېكتىپ رېئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەر ۋە ئىشلارغا ئوخشاشلا چىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئادەم ۋە ئىشلارنى ئۆز ئەتراپىدا دەپ ھېس قىلىدىغان تەسراتقا كېلىدۇ ۋە سۈرەتلەنگەن ئوبرازلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئالماشتۇرۇپ ئىلھام ئالىدۇ، تەسىرلىنىدۇ ۋە تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى بۇ ئالاھىدىلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ چىنلىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەلەپ قىلىدۇ. چىنلىق سەنئەتنىڭ جېنى. ئەدەبىيات تارىخىدا چىنلىق يوق بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولماي قالمىغان ئەسەر يوق. ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقلىقى كۆرۈنۈش ھالەتلىرىنىڭ چىن بولۇشىنىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ماھىيەتلىك تەرەپلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىنىمۇ چىن ئەكىس ئەتتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە، يازغۇچىلار ھامان مۇئەييەن سىنىپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، مۇئەييەن سىنىپنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە تۇرمۇشنى چۈشىنىدۇ ۋە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتىلىدىكى، يازغۇچىنىڭ مەيدانى، نۇقتىئىنەزىرى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتى بىردەك بولسىلا، ھەمدە ئوخشاش بىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ چىنلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇيالايدۇ ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈپ، بەزى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقلىقى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۈشىنىش سەۋىيىسى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىياتى يازغۇچىلاردىن تۇرمۇش چىنلىقىنى چىقىش قىلىپ ماركىسىزملىق دۇنيا قاراش بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتىنى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن سىياسىيۋىلىكى ۋە چىنلىقلىقى پۈتۈنلەي بىردەك بولغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقلىقى دېگەنلىك رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەم، چىن ئىشلارنىڭ بەدىئىي كۆچۈرۈلمىسى دېگەنلىك ئەمەس. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش <ئادەتتىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ يىغىنچاقلىققا ئىگە، تېخىمۇ تىپىك، تېخىمۇ غايىۋى ۋە شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك> (<يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق>).
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات