UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېڭى كلاسسىزم

يېڭى كلاسسىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 1- بەزى ئالىملار 16 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە داۋاملاشقان ياۋرۇپادىكى كلاسسىزم ئەدەبىيات - سەنئەت ئېقىمى قەدىمكى يۇنان، رىم ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تەقلىد قىلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى، دەپ قارىغانلىقتىن، پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كېيىنكىسى ئاۋۋالقىسىغا نىسبەتەن يېڭى كلاسسىزم دەپ ئاتالغان. 2 -، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىر، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان بىر خىل بۇرژۇئا ئەدەبىيات - سەنئەت ئېقىمى. بەزى ئەدەبىياتچىلار ياكى سەنئەتچىلەر كلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ، ياكى بەزى كلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنلىرىنىڭ مەلۇم نۇقتىلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تەشەببۇسلىرىنى بازارغا سالغان. بەزىدە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر مەلۇم كلاسسىك يازغۇچىنىڭ ياكى مەلۇم ئەسەرلەرنىڭ روھىنى، ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچەپ ئۇرۇنغان. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەيىنىدە بەزى يازغۇچىلار كلاسسىك ئەدەبىياتنى ئۈلگە قىلىش نامى بىلەن كلاسسىك ئەنئەنىلەرنى بۇرمىلاپ، قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرغىپ قىلىپ، ئەكسىيەتچى ئىدىيىلەرنى تەشىۋىق قىلغان. بۇ ئېقىملارمۇ يېڭى كلاسسىزم ياكى ساختا كلاسسىزم دەپ ئاتىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات