مەجاز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
سۆز ۋە ئىبارىلەرنىڭ كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىشى. مەسىلەن: يازغۇچىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئەسىرىنى بىلدۈرىدۇ. لۇشۈننى سۆيۈپ ئوقۇيمىز، دېگەندە لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، لۇتپۇللانى ئوقۇدۇڭمۇ، دېسەك، بۇ يەردىكى ئاپتور ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدەجاي ناملىرىمۇ شۇ يەردىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بېيجىڭ پوزىتسىيە بىلدۈردى. مەجلىسكە پۈتۈن يېزا كەلدى، دېگەنگە ئوخشاش.