UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىياتنىڭ دەۋر روھى

ئەدەبىياتنىڭ دەۋر روھى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ تارىخ تەرەققىياتى يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، تارىخنى ئىلگىرىلىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىدىيە ۋە كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزمنىڭ قارىشىچە، خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋر روھى مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىكى تارىخنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلغار ئىدىيە ۋە ئىنقىلابىي روھ بولۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىدا بار بولغان، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھېسسىيات، ئىرادە، تەلەپ ۋە غايىلەردىن ئىبارەت. ئەدەبىي ئەسەرلەر رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىكى دەۋر روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى لازىم. ھازىر مەملىكىتىمىز كەمبەغەللىكتىن باي بولۇشقا قاراپ چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەرەققىي قىلىش يېڭى تارىخىي دەۋردە تۇرماقتا. كەڭ خەلق ئاممىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى، يۈكسەك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. مانا بۇ، ھازىرقى دەۋرىمىزىدىكى دەۋر روھىدۇر. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات مانا مۇشۇ دەۋر روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى، مۇشۇ دەۋرىمىزنىڭ دەۋر روھىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى تولۇق يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىمىزنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر دىل - بىر نىيەتتە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىياتنىڭ دەۋر روھى | UyghurWiki | UyghurWiki