UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىياتنىڭ خاھىشچانلىقى

ئەدەبىياتنىڭ خاھىشچانلىقى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ سىنىپىي مەيدانى ۋە سىاسىي ئىدىيىسىنىڭ سۆز، ھەرىكەتلىرىدە كونكرېت ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خاھىشچانلىقى يازغۇچىنىڭ سىنىپىي مەيدانى ۋە سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ ئەسەردىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش ۋە پېرسوناژلارغا قارىتىلغان مۇھەببەت ياكى نەپرەت پوزىتسىيىسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەر بىر سىنىپنىڭ يازغۇچىلىرى تۇرمۇشنى كۆزىتىش، تېما تاللاش، باش تېمىنى تاۋلاش، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىش .... قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ رېئاللىققا بولغان باھاسىنى ئىپادىلەپ، مۇئەييەن سىنىپنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ۋە سىياسىي خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىي ئەسەرلەردە روشەن خاھىش بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىگەن تۇرمۇشقا قارىتا كۈچلۈك پرولېتارىياتلىق مۇھەببەت ياكى نەپرەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، بۇنداق خاھىشچانلىق ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بولۇشى، يەنى بەدىئىي پېرسوناژلارنى چىنلىق بىلەن سۈرەتلەش ئارقىلىق گەۋدىلىنىشى لازىم. خۇددى ئېنگېلس كۆرسەتكەندەك: <مېنىڭچە، خاھىش كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەقەلىكتىن تەبىئىي كۆرۈنۈشى، ھەرگىز ئۇنى كۆرسىتىپ بەرمەسلىك لازىم> (<م. كائۇتسكىغا>
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات