تەجىنىس
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە، جىنىسداش سۆزىدىن) ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېغىز ئىجادىدا ۋە يازما ئەدەبىياتىدا بىر خىل بەدىئىي سەنئەت تۈرى. تەجىنىس سەنئىتى شەكىلداش، بىراق باشقا - باشقا مەنىلەنى ئىپادىلىگۈچى سۆزلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا تەجنىسنىڭ يەتتە تۈرى مەۋجۇت. ئۇلار ئۆز خاراكتېرىگە مۇۋاپىق ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى: تەجىنسى توم (مۇتلەق تەجىنىس). تەجىنىسنىڭ بۇ تۈرىدە سۆزلەر تولاراق شەكىلداش بولىدۇ:
ئاندا ھەر بېيىت نەچچە مەنائىلە
بېيىت ئەمەسكىم غېرىبخانەدور. (ناۋايى)
بۇ مىسالدىكى <بېيىت> سۆزى ئىككى مەنىدە - غەزەل بەندى ۋە ئوي مەنىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
ئىككىنچى: تەجىنىسى ناقىس (نۇقسانلىق تەجىنىس) تەجىنىسنىڭ بۇ خىلدا شەكىلداش سۆزلەر ئىملادا ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن:
يوللۇقۇم بولسۇن ساڭا
قوينۇڭغا سالغىن ئالمىنى،
ھەر سېغىنغاندا پۇراپ،
يادىڭغا يارىم ئال، مېنى. (تېپىيجان ئېلىيېۋ)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇ سەنئەت تۈرىگە ۋارىسلىق قىلىش تەدرىجى كېڭەيمەكتە.