ئانتونىملار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە <قارشى>، <ئىسىم> سۆزىدىن)
بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى، زىت چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر، بۇنداق ھادىسە ۋە ھالەتنىڭ ئىچكى زىددىيىىتنى ئېچىشتا، خاراكتېرلەرنى بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى قويۇپ تەسۋىرلەشتە يازغۇچىغا ياردەم بېرىدۇ.
كلاسسىك شېئىرلاردا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ناۋايى ئەسەرلىرىدە ئانتونىملاردىن كەڭ پايدىلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇئ.
ئۇلۇغ بولدۇڭ ئەرسە كىچىك تۆت كۆڭۈل،
ئۇلۇغقا كىچىگلىك ياراشۇر ئوغۇل. (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
مۇنداق ئانتونىملار شېئىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.