UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتجانلاندۇرۇش

جانلاندۇرۇش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بەدىئىي تەسۋىر ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنسانغا خاس قابىلىيەت ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى سۆزلەش، ھېس قىلىش، پىكىر قىلىش ۋەھەكازالارنى ھايۋانلارغا، جانسىز نەرسىلەرگە كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت. كلاسسىك يازغۇچىلار بۇ ئۇسۇلدىن تولا پايدىلانغان. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە جانلاندۇرۇش كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئايرىم بېيت ۋە مىسرالاردىمۇ قوللىنىلغان: ...پىغان ئەيلەر رابابى ياد قىلۇر، ئۇرار كۆكسىگەيۇ پەرياد قىلۇر، ئۇزارتىپ بوينىنى بىجار، تەمبۇر، مېنىڭ ھالىمغا يىغلار، نالەشىن كۆر..
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
جانلاندۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki