UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي تەنقىدنىڭ <سىياسىي ئۆلچىمى> مەسىلىسى

ئەدەبىي تەنقىدنىڭ <سىياسىي ئۆلچىمى> مەسىلىسى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدىنىڭ <سىياسىي ئۆلچىمى> مەسىلىسى ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بولۇپ، بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىچىلىرى ئۈزمەي مۇھاكىمە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يولداش ماۋزېدۇڭ <يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت سۆزلەنگەن نۇتۇق> ناملىق ئەسىرىدە <ئەدەبىيات - سەنئەت پرولېتارىيات سىياسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەدەبىياتنىڭ <سىياسىي ئۆلچىمى> نىمۇ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شوئار پارتىيىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىيات - سەنئەتكە قاراتقان يۆنىلىشى ۋە سىياسىتى بولۇپ كەلدى. ئاشۇ <سىياسىي ئۆلچەم> مۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلەرنى باھالايدىغان ئۆلچەم بولۇپ كەلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا بۇ شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرا ئىدى. چۈنكى، شۇ دەۋردە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئۇرۇش قىلىش ئىدى، ئۇرۇش - سىياسىي بولغاچقا، خەلقنىڭ ھاياتىدىكى سىياسىيمۇ ئۇرۇش ئىدى. شۇڭا، ئۇ چاغدا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاشۇ سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قىلگە مۇۋاپىق ئىدى. لېكىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كېيىنكى چاغلاردىمۇ بۇ شوئار تەكىتلىنىۋېرىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ خىزمەت قىلىش دائىرىسى مەلۇم مەزگىلدىكى مەلۇم سىياسىي ھەرىكەت، سىياسىي چاقىرىقلارغا قەدەر كىچىكلەپ، تارىيىپ باردى. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىمۇ بەدىئىي دائىرىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئەسەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى سىياسىي ھەرىكەت، سىياسىي چاقىرىق، سىياسىي شۇئارغا ماسلاشقان - ماسلاشمىغانلىقى ۋە شۇلارغا خىزمەت قىلغان - قىلمىغانلىقى، ھەتتا قانچىلىك دەرىجىدە خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، نەزەرىيە جەھەتتىن، ئەدەبىيات - سەنئەت سىياسىينىڭ بېقىدىسىغا، خىزمەتچىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ كۆزىتىلدى، ئۆلچەندى ۋە باھالاندى. نەتىجىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارى چەكلەپ قويۇلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەللىك زوقى دائىرىسى تارايتىۋېتىلدى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي رولىغا سەل قارالدى. بۈگۈنكى دەۋردە ئەدەبىيات - سەنئەتنى <ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش> شوئارى <خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش> قا ئۆزگەرتىلىپ، شوئار ئىلمىيلاشتى. شوئارنىڭ ئۆزگىرىشى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاشنىڭ، ئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمىنىڭ خاراكتېرىنى، ۋەزنىنى ئۆزگەرتىشكە، توغرىراقى، ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە باھالاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى، ئىدىيىۋىلىكى، خاھىشى ۋە ئەكىس ئۈتتۈرگەن دەۋر روھىدىن ھالقىپ چىقىپ، سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سىياسىىي بىلەن چېتىشلىقى يوق تەرەپتىنلا كۆزىتىشكە ۋە ئۆلچەشكە بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيە مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىلمىي ھەل بولدى. <سىياسىي ئۆلچەم> مەسىلىسىمۇ ئاساسەن ئايدىڭلاشتى. ئەگەر ئۇنى شەرھلەشكە توغرا كەلسە، ئەدەبىي تەنقىدتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە سىياسىي خاھىشىغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەھىلىل ۋە ئۆلچەم، مۇئەييەن سىنىپنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىنكاسى دەپ قاراش كېرەك. سىنىپىي جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان سىنىپلارنىڭ ئوخشىمايدىغان سىياسىي ئۆلچىمى بولىدۇ. بۇ ئۆلچەم شۇ سىنىپنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ھەر بىر سىنىپنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىمۇ ئابستراكت، مۇتلەق ئۆزگەرمەس بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى يېڭى تارىخىي دەۋردە، پرولېتارىيات ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ سىياسىي ئۆلچىمى پارتىيىنىڭ تۆت ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقتا، خەلقنى كوممۇنىستىك روھتا تەربىيىلەش ۋە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقتا ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەمەلىيىتىدە چوقۇم ئىدىيىۋى ئۆلچەم بىلەن بەدىئىي ئۆلچەمنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي خاھىىشنى تەھلىل قىلىپ باھا بەرگەندە، يەنە چوقۇم ئەسەر ئىجادىيىتىدىكى بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتىن ئايرىلماسلىق كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، ئەدەبىي ئوبراز يارىتىش ئايرىلماسلىق كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، ئەدەبىي تەنقىدنى ئادەتتىكى سىياسىي ئوبزور ۋە ئىدىيۋى ئوبزور دائىرىسىگە باشلاپ كىرىش يۈز بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ <سىياسىي ئۆلچىمى> مەسىلىسى | UyghurWiki | UyghurWiki