UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى

دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ماتېرىيالىستىك ئىجادىيەت ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى <را پ پ> چىلارنىڭ ئىجادىيەتتە ئوتتۇرىغا قويغان خاتا شوئارى. <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەن بۇ ئاتالغۇ، ئەڭ ئاۋۋال 1929 - يىلى <را پ پ> چىلارنىڭ ئوبزور ژۇرنىلى <ئەدەبىيات پوستىدا> ئېلان قىلىنغان <پىلىخانوۋ ئەنئەنىلىرى ئۈچۈن كۈرىشەيلى> ناملىق تەھرىر بۆلۈم ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ شۇئارچە بولغاندا يېڭى ئۇسلۇپ <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە يېڭى ئۇسلۇب بولۇشى لازىم>، <ئىجادىيەت بىلەن بۇ يېڭى ئۇسلۇب ئەڭ مۇۋاپىقلاشقان ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولىدۇ>. شۇ يىلى <راپ پ> نەشر قىلغان ماقالىلەر توپلىمى <پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت يولى> نىڭ <ئاخىرقى سۆز> ىدە مۇنداق يېزىلغان؛ <بىز ھازىر ئىلمىي ئېقىم قۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىمىزگە ئىجادىيەتتە ئۈزۈل - كېسىل دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئۇسۇل يارىتىش ۋەزىپىسىنى قويماقتىمىز>. بۇ شوئارنىڭ خاتالىقى شۇ يەردىكى: پەلسەپىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئۇسۇلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سەنئەتنىڭ تۇرمۇشنى بىلىش ۋە تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى بىكېرەك قىلىدۇ. (دۇنيا قاراشنى تەكىتلەش خاتا بولمىسىمۇ) دۇنيا قاراش بىلەن ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خۇددى <راپ پ> نىڭ باش سېكرېتارى ئاۋېرباخنىڭ ئېيقىنىدەك: <ئۇسۇل، ئەمەلىيەتتىكى دۇنيا قاراشتۇر> دەپ قاراپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇۋېرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەدەبىيات - سەننئەتنىڭ بىردىنبىر مەنبەئىيىكىدەك بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەتكە سەل قاراپ، يازغۇچىلار ماركىسىزملىق پەلسەپىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىنلا، ئاندىن دىئالېكتىكلىق <فورمۇلا> لارغا ئاساسلىنىپ بەدىئىي جەھەتتە چوڭايتىش (ئىجادىيەت) ئېلىپ بارالايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ، ئەلۋەتتە. <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى> نى پرولېتارىيات ئەدەبىياتىدىكى <ئەڭ ئىلغار، باشلامچى> ئۇسۇل دېيىش ۋە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرىلا بۇ ئۇسۇلنى ئىگەللىيەلەيدۇ، دەپ قاراش، <راپ پ> چىلارنىڭ باشقا يازغۇچىلارنى، بولۇپمۇ بەدىئىي كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان سوۋېت يازغۇچىلىىرنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشنىڭ <نەزەرىيىۋى> ئاساسىي بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا <راپ پ> چىلارنىڭ <ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولدى. <ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەب بۇ يېڭى، ياش ئېستېتىك ئۇقۇم بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى كەڭ قوللىنىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات