UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي ئەسەر

ئەدەبىي ئەسەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئەرەبچە كىتاب مەنىسىدە كەڭ قوللىنىدىغان سۆز. ئاسار ئەتىقە، قەدىمكى ئانتىك ئەسەرلەر، يادىكارلىقلار) بۇ سۆز <ئىز>، <نىشان>، <بەلگە> (ئۇنىڭدىن قىلچە ئەسەر يوق)، <تەسىر> (ئۇ بىزگە ئەسەر قىلدى) دېگەندەك مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ ھالنى خەلق قوشاقلىرىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مەن ئۆزەم بۇ يەرلەردە، كۆڭلۈم يەنە بىر يەردە. غېرىپلىق ئەسەر قىلدى، دودىشاڭ كۈرەلەردە. ئەدەبىياتشۇناسلىقتا مەلۇم غايىۋى مەزمۇننى تېگىشلىك بەدىئىي شەكلىدە تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن كىچىك لىرىك شېئىر (مەسىلەن: رۇبائى) دىن باشلاپ يىرىك ئېپىك كىتاب (مەسىلەن: ناۋايىنىڭ <خەمىسە>سى) قاتارلىقلارغىچە ھەممە ئەدەبىي ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى <ئەدەبىي ئەسەر> دېيىلىدۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ: لىرىك ئەسەر، ئېپىك ئەسەر، داراماتىك ئەسەر. ئومۇمەن <ئەسەر> سۆزى ئىجادىي ئەمگەك مەھسۇلى. مەسىلەن: ئىلمىي ئەسەر، سەھنە - ئەسىرى، مۇزىكا ئەسىرى، تاللانغان ئەسەر دېگەندەك <ئەسەر> سۆزى ئادەتتە <ماقالە> دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىي ئەسەر | UyghurWiki | UyghurWiki