UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي تەنقىد

ئەدەبىي تەنقىد

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەسلى ئەرەبچە <نقد> دىن كېلىپ چىققان <تنقيد> سۆزنىڭ ئۆزلەشكىنى بولۇپ، تەكشۈرۈش، تاللاش دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. يۇنانچە kiritika <ھۆكۈم قىلىش، باھا بېرىش سەنئىتى> دېگەن سۆزلەرگە تەڭ مەنىدە قوللىنىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد - ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، بەدىئىي ئەسەرلەرنى باھالاش، تەھلىل قىلىش ۋە شەرھلەش يۈزىسىدىن يېزىلغان ئەدەبىي تەقرىزلەرنى، ئىلمىي ماقالىلەرنى، قىسقا ئوبزورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ۋەزىپىسى: بەدىئىي ئەسەرلەرنى تارىخىي ھەم ئېستېتىك نۇقتىئىنەزەردىن تەكشۈرىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد ئەمەلىيەتتە مەلۇم ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان يېتەكچىلىك رولى كۆپ ھاللاردا كونكرېت ئەدەبىي تەنقىد ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، توغرا ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىي تەنقىد ئارقىلىقلا ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى بېيىتىپ، سىستېمىلاشقان نەزەرىيىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي تەنقىدلەرنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت قانۇنىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرغان. مەسىلەن: جۇرۇڭنىڭ <شېئىرلارنى باھالاش>، بەي جۇيىنىڭ <يۇەن جېيۇغا يېزىلغان خەت>، لى جىنىڭ <سۇ بويىداغا سۆز بېشى>، بېلىنسكىنىڭ: <روسىيە پوۋېستلىرى ۋە گوگول پوۋېستلىرى ھەققىدە>، چېرنىشېۋىسكىنىڭ <روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ گوگول دەۋرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى> قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھىلىل ئېلىپ بېرىلغان. شۇ تۈپەيلىدىن ئادەتتە ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىيات نەزەرىيسىى قوشۇلۇپ يېزىلغان باھالاش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى <ئەدەبىي ئوبزور> دەپ ئاتاش كېلىپ چىقتى. ئەدەبىيى تەنقىد ئېلىپ بېرىشتا ۋە باھالاشتا، جەزمەن مەلۇم مىزان، مەلۇم ئۆلچەم بولماي مۇمكىن ئەمەس. قانداق ئەسەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قانداق ئەسەرلەرنى ئىنكار قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوبزور يازغۇچىنىڭ مەلۇم مىزانى بولىدۇ. مۇنداق مىزان ئۇنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىۋى خاھىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەنقىدچى ئۆز ماقالىلىرى بىلەن يازغۇچىنىڭ ئىستېداتى، كىتابخانلارنىڭ دىت - پاراسىتى ۋە زوقىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ئاممىنىڭ قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە تەنقىدچىمۇ ھايات ۋە ئەدەبىياتتىن كۆپ نەرسە ئۆگىنىدۇ. ئۇ يازغۇچىغا ئوخشاش خىلمۇ خىل شەكىللەدىن، ژانىر ۋە ئۇسلۇب ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. ئومۇمەن، ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتىنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە نىسبەتەن قوغداش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلگىرى سۈرۈش ياكى رەت قىلىش، چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات