UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتنىگلىزم

نىگلىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ( ئىنكارچىلىق ) لاتىنچە nihil — ھېچنىمە سۆزىدىن ھايات ۋە ئەدەبىياتتىكى ئورتاق قائىدە، تەرتىپ، ئەنئەنە ۋە قاراشلارنى ئىنكار قىلىش؛ ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا ھەر خىل نىگىلىزم ياكى ئىنكارچىلىق ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن. جۈملىدىن 1966 _ يىلىدىن 76 _ يىلىغىچ بولغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەپ ئاتالغان ھەرىكەت جەريانىدا « تۆت كىشلىك گۇرۇھ » ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات _ سەنئەت تارىخىدىكى بارلىق ئېسىل مىللىي مىراسلارنى يوققا چىقاردى. يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلارنى فاشىستلارچە نابۇت قىلىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات _ سەنئەت ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ھالدىكى « سول » چىلىق شامىلى، ئىنكارچىلىق بورىنى ئەۋج ئېلىپ 12 مۇقام ۋە خەلق ئېپوسلىرى ئىنكار قىلىندى. شائىر، يازغۇچىلار ھاقارەت قىلىندى، ھەتتا زىيانكەشلىك بىلەن نابۇت قىلىندى. ئارزۇ ۋەزنىنى تامامەن چەتتىن كىرگەن شېئىر شەكلى دەيدىغان نىگىلىستىك ھادىسىلەر بولغانىدى. 1978 _ يىلى 12 _ ئايدا چاقىرىلغان پارتىيە مەركىزى كومىتېت 3 _ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن يۇقىرىقىدەك نىگىلىستىك ۋە مىللىي ئىنكارچىلىق ئەھۋاللىرىغا ئۈزۈل _ كېسىل خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەدەبىيات _ سەنئەت ساھەسىدە گۈللەپ _ ياشناش دەۋرى باشلاندى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات