مىفولوگىك ئوبرازلار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە مىفولوگىيە نېگىزىدە يارىتىلغان ئوبرازلاردۇر. بۇنى بىز گومېرنىڭ «ئىلىئادا»، «ئودېسسا» ئېپوسلىرىدا، فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» سىدە، ناۋايىنىڭ «پەرھاد - شېرىن»، «سەددى ئىسكەندەرى» داستانلىرىدا ۋە «چاستانى ئىلىكبەگ» دە ئاشۇنداق ئوبرازلار بار. شۇنداقلا چۆچەك، ئەپسانىلەردىكى خۇدا، دىۋە، پەرى ھەم ئالۋاستىلارمۇ مىفولوگىك ئوبرازلاردۇر. ئۇلار ۋەقەلىكىنىڭ فانتاستىك تەسۋىرى ۋە خەلق ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنىڭ بەدىئىي ئىپادىسىدۇر. مىفولوگىك ئوبرازلار «كىشىلىكنىڭ بالىلىق دەۋرىنى» (كارل ماركس) ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرمۇ قىزىقارلىقتۇر.