UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسەكرەتمە كومپوزىتسىيە

سەكرەتمە كومپوزىتسىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لىرىك شېئىر ۋە لىرىك نەسىرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كومپوزىتسىيە. سەكرەتمە كومپوزىتسىيە ئەسەرنىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىدىكى ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرىۋەرمەي، مەلۇم شەيئىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكىنى باشقىچە ھېسىيات بىلەن ئىپادىلەپ قۇرۇلمىنى ئاتلىتىدۇ، ئەمما، ئومۇمىي قۇرۇلمىغا چۇۋالچاقلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ «ئىچكى كومپوزىتسىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: تاغقا قاراپ ئەسكە ئالدىم بويۇڭنى، ئۇندا قىيا، ئۇندا تىكلىك كۆرۈندى. قىيا بىلەن تىكلىك مىسال قەددىڭگە، مەن يېنىڭدا تۇرغاندەكلا تۇيۇلدى. تاغقا قاراپ ئەسكە ئالدىم كۆزۈڭنى، ئۇندا سۈزۈك، پاكىز بۇلاق كۆرۈندى. ئاشۇ بۇلاق مىسال سېنىڭ كۆزۈڭگە، ماڭا ئوخچۇپ باققاندەكلا تۇيۇلدى. تاغقا قاراپ ئەسكە ئالدىم قەلبىڭنى، ئۇ مەردانە، جەسۇر بولۇپ كۆرۈندى. تاغدىكى ۋەزى پاكىت مەردان قەلبىڭگە، ماڭىمۇ زور كۈچ بەرگەندەك تۇيۇلدى. (س . دۇگايلى) يۇقىرىقى ئۇچ كۇپلىتىتكى «تاغ» ئۈچ خىل ھالەتكە ئوخشىتىلىپ، تاغنىڭ بىر خىللىقلىقىدەك پاكىتنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرى كومپوزىتسىينى ئاتلاپ ئۈچ خىل ئىچكى قۇرۇلما ھاسىل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات