UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدېكادېنتىزم چۈشكۈنچىلىك

دېكادېنتىزم چۈشكۈنچىلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (لاتىنچە decadentia چۈشكۈنلۈك سۆزىدىن) بۇ ئەەبىيات - سەنئەتتىكى ئومۇمىي نام بولۇپ سىمۋولىزم، سۇررېئالىزم، كۇبىزم، ئابستراكتسىئونىزم قاتارلىق بىر مۇنچە ئېقىملار <دېكادېنتىزم> ئۇقۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. دېكادېنتىزم 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىنىڭ كاپىتالىزم بوھرانى ئالدىدا تېڭىرقاش، زېكرىكىش، چىقىش يولى ئىزدەش تۈپەيلىدىن ئۆز كەلگۈسىگە ئۈمىدسىز قاراپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىش ئىدىيىۋى كەيپىياتىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئىنكاسى بولۇپ شەكىللەنگەن، ئۇ ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەتتىكى ئومۇمىي خاھىشى. دېكادېنتىزم ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىلىك شائىر بوتلېرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەنگەن، كېيىنچە، سىمۋولىزم، ئېستېتىزم ئەدەبىياتىدا يەنىمۇ راۋاجلانغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تارقالغان سۇررېئالىزم، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تارقالغان مودىرنىزم قاتارلىق ئېقىملاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە، ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلەنگەن. دېكادېنتىزمنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىي سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزم ۋە غەيرىي راتسىئونالىزمدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، شەخسنى مەركەز قىلىشنى، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ۋە ئەنسىزلكنى تارقىتىدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، سەنئەتنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى ۋە بەدىئىي پرىنسپىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. <سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت> نەزەرىيىسى دېكادېنتىزمنىڭ ئېستېتىكا ئاساسىي.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات