تىپىك پېرسوناژ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىندىۋىدۇئاللىقى بىلەن ئورتاقلىقى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، يەنى روشەن ئىندىۋىدۇئاللىقىمۇ بولغان، ۋەكىللىك خاراكتېرىمۇ بولغان، روشەن ئىندىۋىدۇئاللىق ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ، سىنىپنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى، دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرەلەيدىغان پېرسوناژلار ئوبرازى.
تىپىك پېرسوناژ ئادەتتە <تىپ> ياكى <تىپىك خاراكتېر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ھەر قانداق بىرەر تىپنىڭ ھەممىسىدە روشەن ئىندىۋىدۇئاللىق بىلەن ئورتاقلىق، كونكرېتلىق بىلەن ئومۇملۇق دىئالېكتىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ.