بەھرى قەرىب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
<قەرىب> نىڭ مەنىسى <يېقىن، تۇغقان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭ بىر خىلى <بەھرى قەرىب مۇسەددەس مەكفوف> (قولغا يېقىن ئالتىلىك بەھرى)، <بەھرى مۇتەقارىب> قا يېقىن كېلىدىغان ۋە دەرھال قولغا چىقىدىغان بەھرى. بۇنىڭدا مىسرا سەككىز بوغۇمدىن تەركىب تاپىدۇ. مىسال:
ئەجەب ئوب / دان زامان / بولغاچ،
جەمئى ئەل / يۇرت خۇشال / ئەمدى.
مۇقامدىن / يېڭى كۈي / باشلاپ،
ئېلىپ سا / زىڭنى / چال / ئەمدى. (ئابلىز نازىرى)
بۇنىڭ ۋەزىن سخېمىسى مۇنداق:
مەپائىل - پائىلۇل - مەپئۇل.