پۇبلىتستىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(لاتىنچە publisos ئىجتىمائىي سۆزىدىن)
كەڭ مەنىدە ئىجتىمائىي - سىياسىي ھايات مەسىلىلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان ھەر خىل ئەسەرلەر، تار مەنىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھاياتىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئوبراز يارىتىدىغان بەدىئىي ئەسەرلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، لېكىن ئايرىم پۇبلىتستىكىلىق ئەسەرلەردە ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەر بەدىئىي تىل ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، مۇنداق ئەسەرلەرنى بەدىئىي پۇبلىتستىكا دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
مەسىلەن: فاڭ جىمىن <سۆيۈملۈك جۇڭگو> ناملىق ئەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكنى پۇبلىتستىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن.
ل. مۇتەللىپنىڭ <ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق> سەرلەۋھىلىك ئەسىرى ياخشى پۇبلىتستىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. پۇبلىتستىكا - ئەدەبىياتنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ژانىردۇر.