UyghurWiki›ئەدەبىيات›ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش
ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ، 1980 - يىلى 7 - ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 11 - نۆۋەتىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاشتا، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ باش شوئارى. <ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، بىر ئوچۇم دۈشمەن ئۇنسۇرلاردىن باشقا بارلىق خەلق ئاممىسى ئۈچۈن، كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، ئەسكەرلەر، زىيالىيلار، كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بارلىق سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئالدى بىلەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېمەكتۇر. سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەنلىك، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر ساھە ئىشلىرىمىزنىڭ تۈپ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ھازىرقى كۈندە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېمەكتۇر> (<خەلق> گېزىتىنىڭ 1980 - يىل 26 - ئىيۇل باش ماقالىسى: <ئەدەبىيات سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرايلى، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرايلى>دىن). ئەدەبىيات - سەنئەتنى <ئىككى ئۈچۈن> خىزمەت قىلدۇرۇش يۆنىلىشى يېڭى دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ماركىسىزمنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت <مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن> خىزمەت قىلىش لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا يەنە يولداش ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىيات - سەنئەت <خەلق ئاممىسى ئۈچۈن> خىزمەت قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك نۇقتىئىنەزىرى بىلەن <ئالدى بىلەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن> دېگەن بۇ خىزمەت قىلىش ئوبيېكتىدىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى دىئالېكتىلىق بىرلەشتۈرۈپ، <سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ باش شوئارى، ئەەبىيات - سەنئەتنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى قىلىپ، بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى مۇئەييەن سىنىپىي كۈرەشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، مۇئەييەن سىياسىي ۋەزىپىلەرگە ماسلىشىش لازىم> لىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىللەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇ يازغۇچى، سەنئەتكارلارغا دەۋرگە يۈزلىنىش، خەلققە يۈزلىنىش، خەلق ئاممىسىنىڭ سادىق سۆزلىگۈچىلىرىدىن بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق.