غەيرىي سۇرژېتلىق ئېلېمېنت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئېپىك ئەسەرلەردىكى پېرسوناژ خاراكتېرى تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنشلىق مۇناسىۋەت پەيدا قىلمايدىغان ئېلېمېنت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ كىرىش سۆز، ياندىما سۆز، قىستۇرما سۆز، خاتىمە، ئاپتۇر نۇتقى ۋە ئاپتور مۇھاكىمىلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
غەيرىي سۇزېتلىق ئېلېمېنتلار گەرچە ۋەقەلىك سۇژېتىنىڭ بىۋاسىتە تەركىبىدە بولمىسمۇ، پۈتكۈل ئەسەر قۇرۇلمىسىدا يەنىلا بىر ئورگانىك تەركىب بولىدۇ. ئۇ پېرسوناژلار خاراكتېرىنى سۈرەتلەشتە، مەركىزىي ئىدىيىنى ئىپادىلەشتە ياردەمچىلىك رول ئويناپ، ئەمەلىيەتتە سۇژېتنى تولۇقلايدىغان ۋاسىتىچى بولىدۇ.
غەيرىي سۇژېتلىق ئېلېمېنتلار ئاساسىي سۇژېت بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇكەممەل كومپوزىتىسىيىسىنى تەشكىللەيدۇ.