UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئېرونىيە

ئېرونىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گرېكچە eironeia - مەسخىرلەش، كەمسىتىش سۆزىدىن ئېرونىيە ھەجۋىنىڭ، ياكى ھەزىل - يۇمورنىڭ بىر خىل كۈرۈنىشىدىن ئىبارەت. ئەينى زاماندا ئېرونىيە ئۆز مەنىسىدىن كۆچۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭمۇ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا سۆز، ئىبارە ئەكسچە مەنىدە، يەنى قارىمۇ قارشى ھالەتتە كېلىدۇ، يازغۇچى پىرسۇناژ ياكى ئۇنىڭ بىرەر ھەرىكىتى توغرىسىدا بىر خىل گەپ قىلىپ، باشقىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن: "ئىت ۋاپا، خۇتۇن جاپا"دەپتىكەن بىر ساددا تىترەك، قارا يىللارنىڭ بىر دانىشمىنى (؟!) (ل. مۇتەللىپ) بۇ مىسالدىكى "دانىشمەن" دېگەن سۆز قارىماققا ئىجابىي مەنىدە كەلگەندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە كۈچلۈك مەسخىرە قىلىش مەنىسىدە ھۆكۈم قىلىنغان. ئېرونىيە - ئەپسۇسلىنىپ، غەزەپلىنىپ ئېيتىلىش ياكى باشقىچە مەنىنى ئاڭلىتىش مۇمكىن بولغان پو ئېتىك ئىبارىدۇر، ئۇ تولا ھاللاردا، مەجازى ئوبرازلارغا ئىگە بولغان مەسەللەردە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئېرونىيە | UyghurWiki | UyghurWiki