بەھرى مۇزارى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
<مۇزارى> نىڭ لۇغەت مەنىسى <ئوخشاپ كېتىدىغان، بويسۇنىدىغان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭمۇ بىر قانچە خىلى بار. ئۇلاردىن بىرى بەھرى مۇزارى مۇسەممەن مەكفۇن مەقسۇر (سەككىزلىككە ئوخشاپ كېتىدىغا، قولغا ئەپلىك قىسقا بەھرى) بۇنىڭدا مىسرا 12 بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن:
تاڭ قۇياشى كۈلۈپ پارلاق نۇرلىرىنى،
چاچقىنىدا ئۆي ئىچىدە رۇجەكلەردىن.
ئۇچار قۇشلار ۋىچىرلىشىپ قانات قېقىپ،
شۇڭغىغاندا كۆك ھاۋاغا ئۆچەكلەردىن. (نەيىم يۈسۈپ)