فانيازىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە phantasia پەرەزس قىلىش، تەسەۋۋۇر، خىيال سۆزىدىن
ئىجادىي تەسەۋۋۇر، خىيال، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجادىي خىيال بىلەن يارىتىلغان ئوبراز، تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى سۈپتىدە كىشىنىڭ ئېڭىدا تۇغۇلغان، لېكىن تېخى رېئاللىقتا بولمىغان، پەقەت كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدىكى ئارزۇلارمۇ فانتازىيە دېيىلىدۇ. خەلق ئېغىز ئىجادىدا ۋە يازما ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدە فانيازىيە ھايات ۋە تەرەققىيات بىلەن يېقىندىن باغلانغان، ئۇ خەلق مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىدىغان پايدىلىق فانتازىيىدۇر.
ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىدىكى «ئۇچار گىلەم»، «ئۇر توقماق» قاتارلىق چۆچەكلەر خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان ئىجابىي فانتازىيىدۇر. ناۋاينىڭ «سەئبى سەييارە» دېگەن چۆچىكىدىكى ئاجايىپ خىياللارمۇ شۇنداق. دىنىي قائىدىلەرگە ئاساسلانغان فانتازىيە ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنى ئىپادىلىگەن بەدىئىي ئەسەرلەر بۇنىڭغا تامامەن قارىمۇ قارشىدۇر.