كونىلىرى ئاساسىدا يېڭىلىرىنى يارىتىش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ فاڭجېن 50 - يىللاردا جۇڭگو دراما سەنئىتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭدا پرولېتارىياتنىڭ ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارسلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىش ھەم ئىجاد قىلىشنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى نۇقتىئەزىر ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىلگەن، ئومۇمەن، بۇ فاڭجېن قەدىمكىلەرگە قانداق ۋارىسلىق قىلىپ، كونىلىرى ئاساسىدا قانداق قىلىپ يېڭلىرىنى يارتىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ فاڭجېندا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەر خىل سەھنە ئەسەرلىرى تۈرلىرى، شەكىل، ئۇسلۇبلارنى ئەركىن مۇسابىقە ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىراسلارغا مۇئامىلە قىلىشتا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇش، فېئوداللىق، كاپىتالىستىك شاكاللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، دېموكراتىك مېغىز ۋە جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، سوتسىيالىسستىك دەۋر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پرولېتارىياتلىق ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن، سوتسىيالىستىك دەۋر قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەنگەن ئەسەرلەرنى يارىتىش كۆرسىتىلگەن؛ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەنئەنىلىرى ئاساسىدا ئىدىيىۋى ھەم بەدىئىي سەۋىيسى يۇقىرى، شەكلى مىللىي، مەزمۇنى سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتنى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان.