ئاپوفېئوز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە ئىلاھىيلاشتۇرۇش سۆزىدىن)
قەدىمكى ۋاقىتلاردا غەلىبە شەرىپىگە ئۆتكۈۈزلگەن تەنتەنە، مەلۇم ۋەقەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى ۋە شۇ ۋەقەدە قاتناشقان قەھرىمانلار شەنىگە ئېيتىلغان مەدھىيىلەر شۇنداق ئاتالغان.
داراماتىك ئەسەرلەردە تەنتەنىلەر بىلەن تۈگەيدىغان ئاخىرقى كۆرۈنۈشنى ئاپوفېئوزا دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: <غېرىپ - سەنەم> ئوپېراسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنو فىلىم ئەنە شۇنداق تەنتەنە بىلەن ئاياغلىشىدۇ.