UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوردا (ساراي) شېئىرلىرى

ئوردا (ساراي) شېئىرلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئاساسەن، ئوردا (ساراي) تۇرمۇشىنى تېما قىلغان، پادىشاھ، ۋەزىر، خانىش، ۋە ھەرەم كېنىزەكلىرىنىڭ ھاياتىغا بېغىشلايدىغان شېئىرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوردا (ساراي) شېئىرلىرى كلاسسىك شېئىرىيەتتە بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ. گەرچە بۇ شېئىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پادىشاھلارغا خۇشامەتا قىلىش، پادىشاھلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى، چىراغ - شەكىل قىياپەتلىرىنى، كىيىم - كېچەك لىباسلىرىنى ئەقلىگە توغرا كەلمەيدىغان دەرىجىدە ماختاش، ۋەزىرلەر، خانش- مەلىكىلەر ۋە ھەرەم كېنىزەكلىرىنى كۆپتۇرۈپ مەدىھىيىلەش مەزمۇنلىرى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىمى ئوردا (ساراي) دىكى چىرىكلىكنى پاش قىلىش، ساختىپەزلىكلەرنى قامچىلاش يۈزىسىدىن مەجازىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يېزىلغانلىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا (ساراي) شېئىرلىرىغا نىسبەتەن بىر تاياقتا ھەيدەش پوزىتسىيىسىنى تۇتماسلىق، تەھىلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش، تەنقىدىي نۇقتىدىن باھالاش لازىم. ئوردا (ساراي) شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇ دەۋرىدىكى ئوردا تۇرمۇشنى ئىگەللەشتە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر، زىددىيەتلەرنى چۈشىنىشتە، بولۇپمۇ ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىنى تەھىلىل قىلىشتا بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. پادىشاھلار ۋە لەشكەر باشلىقلرىغا مەدھىيە ئوقۇشقا بېغشلانغان بەزى شېئىرلاردا جەڭ تەپسلاتلىرى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، بۇرمىلانغان بولسىمۇ، ئۇ دەۋر جەمئىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنشتە ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ئومۇمەن، ئوردا (ساراي) شېئىرلىرىنى بىردەك چەتكە قاقماي ۋە ئىنكار قىلماي، ماركسىزملىق ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئوردا (ساراي) شېئىرلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki