غەزەل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان لىرىك ژانىر. غەزەل دەسلەپ ئىشقى - مۇھەببەت تېمىسىدا يارىتىلغان، كېيىنكى چاغلاردا ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەخلاقىي، تەلىم - تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ يېزىلىشقا باشلىدى. ناۋايى قاتارلىق شائىرلار ھەجۋىي خاراكتېردىكى غەزەللەرنىمۇ ياراتتى.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىم شېھىت قاتارلىق شائىرلار مۇشۇ ژانىردا خەلقنى ئويغىتىش، بىلىم - مەرىپەتكە دەۋەت قىلىش، كۈرەش قىلىپ يېڭى ھايات قۇرۇش تېمىلىرىدا نۇرغۇن غەزەللەرنى يازدى ۋە يېڭى - يېڭى شەكىللەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
غەزەل ئاز بولغاندا ئۈچ بېيىتتىن، كۆپ بولغاندا ئون، ئون ئىككى بېيىتتىن (بەزىدە ئۇنىڭدىن كۆپ) ئىبارەت بولىدۇ. غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى ئۆز ئارا قاپىيداش بولۇپ، كېيىنكى جۈپ مىسرالار ئۇنىڭغا ماسىلىشىپ كېلىدۇ. تاق مىسرالار بولسا ئوچۇق قالىدۇ. ( ئا - ئا، ب - ئا، پ - ئا).
غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى قاپىيىلەنمىسە، ئۇنى قىتئە غەزەل دەپ ئاتايدۇ.