سېھرى خىيالىي رېئالىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا لاتىن ئامېركىسى ھېكايىچىلىقدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئېقىم. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى بايان ۋە تەسۋىرلەردە غەيرىي، خىيالىي ، بىمەنە پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىكلەرنى، ھەمدە ھەر خىل تەبىئىلىكتىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەن ھادىسىلەرنى قىستۇرۇپ، قوللىنىشتىن ئىبارەت.
سېھرى خىيالىي رېئالىزم ئاتالغۇسى ھەممىدىن ئاۋۋال 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان: 1925 - يىلى گېرمانىيە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبرورچىسى فرانتىس رو ئىپادىچىلەرنىڭ رەسمىلىرىگە باھا بېرىپ يازغان ئوبزور كىتابىنىڭ ئىسمىنى «سېھرى خىيالىي رېئالىزم، كېيىنكى دەۋر ئىپادىچىلىرى، نۆۋەتتىكى ياۋروپا رەسسامچىلىقىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەر»دەپ قويغان ۋە سېھرى خىيالىي رېئالىزمنى ئىپادىچلىكنىڭ بىر خىل دە قارىغان.
1967 - يىلى كولومبىيە يازغۇچىسى كافلېر كاشيە ماركىس «يۈز يىللىق يىگانىچىلىك » رومانىنى يېزىپ سېھرى خىيالىي رېئالىزم ئېقىمىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا تارقىلىشىغا ئاساسەن سېلىپ بەرگەن.