ئەسلىمە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پروزىنىڭ بىر تۈرى. بايان ۋە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ ياكى پىششىق تونۇشىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى، ئىدىيە تەرەققىياتىنى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ يازىدىغان ئېپىك ئەسەر.
ئەسلىمە بايان ۋە تەسۋىر ئارىلىقلىرىغا ئاپتور مۇھاكىمىلىرىنى قىستۇرىدۇ، ياكى بايان قىلغاچ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئاپتورنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەسلىمە مەزمۇن ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئادەمنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ئەسلىمە ۋە ئىش - ۋەقەلەرنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ئەسلىمە دېگەن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
ئادەمنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ئەسلىمىدە پېرسوناژنىڭ بىر قەدەر ئۇزاققا سوزۇلغان ۋاقىت ئىچىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ، ياكى مەلۇم بىر مۇھىم تارىخىي دەۋر ۋە تارىخىي باسقۇچتىكى ئىش - پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.
ئىش - ۋەقەلەرنى يېزىش ئاساس قىلىنغان ئەسلىمىدە مەلۇم بىر تارىخىي مەزگىلدىكى تارىخىي تارىخىي پاكىتلار بايان قىلىنىدۇ، ياكى، مەلۇم بىر ۋەقەنىڭ باشلىنىشتىن ئاياغلاشقانغىچە بولغان جەريانى، ياكى مەلۇم بىر ۋەقەنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، مەلۇم بىر ئۈزۈندىسى يېزىلىدۇ.
ئەسلىمىنىڭ ھۆججەتلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇ خاتىرىلەنگەن پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلەر چوقۇم راست، ھەقىقىي ئۆتكەن، بولغان بولۇشى لازىم. توقۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ۋە بۇرمىلاشقا بولمايدۇ.