UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتفۇتۇرىزم(كېلەچەكچىلىك)

فۇتۇرىزم(كېلەچەكچىلىك)

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھازىرقى زامان بۇرژۇئا ئەدەبىيات - سەنئىتىدىكى بىر تۈرلۈك پىكىر ئېقىمى. فۇتۇرىزمنىڭ ئىجادچىسى ئىيالىيە يازغۇچىسى مارىنېدى بولۇپ، ئۇ 1909 - يىلى «فۇتۇرىسىتىك مانىفىست» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ كۆز قارشى بىر ئېقىم سۈپىتىدە 1911 - 1915 - يىللاردا ئىيالىيىدە كەڭ تارقالغان. فۇتۇرىستلار چېكىدىن ئاشقان دېموكراتىينى تەشەببۇس قىلىدۇ، سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار مۇزىي، كۇتۇبخانىلاردىن تارتىپ يوق قىلىپ تاشلاپ، فۇتۇرىستىك (كېلەچەككە مەنسۇپ) سەنئەت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. فۇتۇرىستلار شەھەرلەرنىڭ ئاۋاتلىشىشى، سانائەتلىشىش ۋە يۇقىرى سۇرئەت تۇرمۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئۈچ ئامىل بولىدۇ، دەپ قاراپ، كېلەچەكتىكى سەنئەت «زامانىۋى ھېس - تۇيغۇ» غا ئىگە بولۇشى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت زامانىۋىلىشىش، ماشىنىلىشىش، مەدەنىيەتلىشىش سۈرئىتىنى، زورلۇقنى، شىددەتلىك ھەرىكەتلەرنى، ئەكس سادانى، تۆت پازىلىق بوشلۇقنى ئىپادىلەشتى، سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئاتالمىش «قەلب مۇھىتىنىڭ بىردەك ئۇرغۇش» چانلىقىنى ئىپادىلىشىنى تەشۋىق قىلىدۇ. فۇتۇرىزمچىلار ئەدەبىياتتا ھەر قانداق مەنىگە ئىگە ئاھاڭدارلىقنى، سۆز - جۈمىلىلەرنى تاشلىۋېتىپ، تەقلىدىي ئاۋازلار ئارقىلىق بەدىئىي ئوبراز يارىتىشىنى، رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل تاراشتا ھەرىكەت سېزىمى، كۈچ سېزىمى ۋە ستېرېئولۇق ئۇسلۇب بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فۇتۇرىزم ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىلەردە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى فۇتۇرىزمچىلارنىڭ سىياسىي تۈسى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئىتالىيە فۇتۇرىزمچىلىرى جاھانگىر بۇرژۇئازىيسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، رۇسىيە فۇتۇرىزمى ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ ئانار خىزمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئىنقىلابنى ھىمايە قىلىدىغان زىيالىلاردىن ماياكوۋسكى قاتارلىقلارمۇ بىر مەزگىل فۇتۇرىزم ئېقىمىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشقانىدى. فۇتۇرىزم كونستروكتىۋىزم، دادائىزملارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
فۇتۇرىزم(كېلەچەكچىلىك) | UyghurWiki | UyghurWiki