UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتقوش لىنىيىلىك سۇژېت

قوش لىنىيىلىك سۇژېت

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يىرىك ئېپىك ئەسەرلىرىنىڭ بەزىلىرى باشلىنىشى ۋە يېشىمى بىر يەردىن چىقىپ، بىر يەردە ھەر قىلىنىدىغان، راۋاجى بولسا ئىككى لىنىيە بويىچە بايان قىلىنىدىغان، راۋاجى بولسا ئىككى لىنىيە بويىچە بايان قىلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. سۇژېت ۋەقەلىكىنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قوش لىنىيىلىك سۇژېت، ياكى ئىككى لىنىيىلىك سۇژېت دېيىلىدۇ. مەسىلەن: فادېيېۋنىڭ رومانى «ياش گۋاردىيە»دە ياش كومسوموللارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى بىر لىنىيە، پېشقەدەم كوممۇنستلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى يەنە بىر لىنىيە قىلىپ يېزىلغان. قوش لىنىيىلىك سۇژېت قۇرۇلمىسى بىر - بىرى باغلاشمايدىغان، مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئۇ بەرىبىر بىر ئەسەر ئىچىدىكى تەشكىلىي بۆلەك بولۇپ، ھامان بىر باش تېمىنى ئېچىپ بېرىشكە خىزمەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات