UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئۇنىۋېرسال سەنئەت

ئۇنىۋېرسال سەنئەت

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ سەنئەتنى تۈرگەن ئايرىشتا قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، بىر نەچچە خىل سەنئەت تەركىبلىرىنىڭ ئومۇملىششىنى، بىر نەچچە خىل سەنئەت ماتېرىياللىرى ۋە ۋاستىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئوبراز يارىتىش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: تىياتىر ئاساسەن ئەدەبىيات، ئورۇنلاش، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق ھەر تۈرۈك بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سەھنە ئوبرازىنى يارىتىدۇ. مەسىلەن: تىياتىر سەنئىتى، كىنو سەنئىتى ......دېگەنلەردەك. گەرچە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەرقايسىسىدا ھەر تۈرلۈك بەدىئىي شەكىللەرنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكىلىرى بولسىمۇ، ئاكتيورلارنىڭ ئورنلاش سەنئىتى ئاسىي گەۋدە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات