UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتچامباشچىلىق ھېكايىلىرى

چامباشچىلىق ھېكايىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى جۇڭگونىڭ كونىچە ھېكايىلىرىنىڭ بىر تۈرى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كەڭ تارقالغان. مەزمۇنى چامباشچىلىق، ئۇرۇش _ سوقۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ياردەملىشىپ دېلو ئېنىقلايدىغان ۋەقەلەر كۆپرەك يېزىلغان. بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ ئاز بىر قىسىملىرى ئىجتىمائىي ھاياتنى ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئېچىپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، سۇژېتلىرى ئەگرى _ توقاي، ئاجايىپ، چىگىش بولۇپ كىشلەرنى رام قىلىۋالىدۇ. يارىتىلغان ئوبرازلىرىمۇ مۇئەييەن رەڭدارلىققا ئىگە. ئەمما، بۇ ھېكايىلەرنىڭ كۆپ قىسمى پەس، چۈشكۈن مەزمۇنالار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ماختايدىغان، بۇ ئەمەلدارلار ۋە چامباشچىلار پارخور، زالىم ئەمەلدرلاردىن ياخشى دەيدىغان كۆز قاراشلار بىلەن تولغان. خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، ئېزىلىشكە قارشى تۇرۇش ئۈمىدىنى ئاشۇنداق بىر قىسىم چامباشلارنىڭ ئۇرۇش _ سوقۇش ماھارىتىگە باغلاپ قويغان. ئۇلارنىڭ چامباشچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتى ئاخىرقى ھېسابتا فېئودال خانلىق تۈزۈمىنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ مەدھىيە ئوقۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەسەرلەر فېئوداللىق جەمئىيەت تۈزۈمىنى قوغدايدۇ، فېئودال ھۆكۈمران سىنپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات