UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبىر پەردىلىك دراما

بىر پەردىلىك دراما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بىرلا پەردىدىن تۈزۈلگەن قىسقا دراما. ئۇ خۇددى پروزىدىكى ھېكايىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سىغىمچانلىقى كىچىكرەك، پېرسوناژلىرى ئازراق، ۋەقەلىكى ئاددىيراق بولىدۇ. بىر پەردىلىك دراما بىر كۆرۈنۈش ئىچىدە زىددىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، زىددىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش لازىم. ئۇ ئاشۇ بىر پەردە ئىچىدە سۇژېتنىڭ ئاساسىي بۆلەكلىرى بولغان باشلىنىش (ئېكسپوزىتسىيە)، راۋاج، يۇقىرى دولقۇن (كۇلىمىناتسىيە) ۋە يېشىملەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشى لازىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى زىچ، ۋەقەلىكى يىغىنچاق، زىددىيەت توقۇنۇشى (كومفىلېكىت) لىرى تېز راۋاجلىنىشى لازىم. بىر پەردىلىك دراما <تاق پەردىلىك دراما>، <بىر كۆرۈنۈشلۈك دراما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كېلىپ تېز ئومۇملاشقان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات