UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىنقىلابىي رومانتىزم

ئىنقىلابىي رومانتىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئۈزكۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش روھىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى كونكرېت گەۋدىلىنىشى. شۇ سەۋەبتىن ئىنقىلابىي رومانتىزم پرولېتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى، گۈزەل غايىسى، قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن ئۈمىدۋارلىق روھى، ئىجادكارلىقى، چەكسىز تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن خىيالىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئىنكاسىدۇر. ئىنقىلابىي رېئاللىققا يىلتىز تارتىقان ئىنقىلابىي غايىۋىلىكتىن ئىبارەت. بۇنداق غايىنى جۇشقۇن ۋە لىرىك ھېسىيات بىلەن تەسۋىرلەپ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنى نامايان قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات