ئىپادىلەش ۋاستىلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يازغۇچىلارنىڭ تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىش، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە قوللىنىدىغان ھەرخىل كونكرېت ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى. يەنى بايان، تەسۋىر، توقۇلما، كۆپتۇرۈش، مۇبالىغە قاتارلىقلار. بۇلار ئەسەرنىڭ ئىدىيېۋى مەزمۇنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بولۇپ ئەدەبىي ئەسەر شەكلىدە مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسەرنىڭ ئىدىيېۋى مەزمۇنىنى جانلىق ئىپادىلەش، ئەسەرنىڭ بەدئىي تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى.