UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتوي قوشاقلىرى

توي قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى توي قوشاقلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق، نەپىس بولۇپ، ئۇلاردا خەلقنىڭ چوڭقۇر ھېس - تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ خىل قوشاقلارمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. چۈنكى، ئازادلىققىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا نىكاھ ئەركىنلىكى يوق ئىدى، قىزلار مەجبۇرىي ئەرگە بېرىلەتتى. مۇشتۇمزورلار كىمنىڭ قىزىنى ئالىمەن دېسە، زامان شۇنىڭكىنى راست قىلاتتى. شۇڭا توي ھەققىدىكى قوشاقلاردا قىزنىڭ مۇڭ - زارى، ئانىنىڭ ئەلىمى ۋە يىگىتلەرنىڭ ئارمانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلەتتى. مەسىلەن: ھاي - ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن، گۈل قايدا بار. بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار. . . . . . . . . . . . . . . . . ھاي - ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن مەن نە قىلاي. خەنجەر ئېلى يۈرەكنى پارە قىلاي. بەرگى جازان تونىنىڭ بەرگى تولا، قىز ئالمىغان يىگىتنىڭ دەردى تولا. . . . . . . . . . .. . . بۇ قوشاقلاردا ياخشىلارنىڭ ياماننىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۈرەكنى پارە - پارە قىلىۋەتكۈسى كەلگەنلىكى، ئۆزى سۆيگەن قىزىنى ئالالمىغان يىگىتنىڭ ئارماندا قېلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار گەۋدىلەنگەن. توي قوشاقلىرى ئازادلىقتىن كېىينمۇ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھال ئۇنىڭ خەلق ياخشى كۆرگەن ئاھاڭ بولغانلىقىدىن، ئۆتمۇشنى ئەسلىتىش ۋە ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىشدىن بولسا كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات