ئېپتىت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە، ئىلاۋە سۆزىدىن
ئېپتىت ئادەتتە سۈپەتلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. نەرسە، ھادىسىلەرنىڭ رۇشەن ئوبرازىنى بېرىش، شەيئىلەرنىڭ ئېنىق ھالەتلىرىنى، سۈپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەرىپلەش ئۈچۈن قوللىنىدىغان سۆز ياكى ئىبارە.
مەسىلەن: ئالتۇن كۈز پەسلى، ئاق ئالتۇن(پاختا)دېگەندەك.
ئاققۇدەك چوققىدا،ياقۇت قىيادا،
سىردىشىپ تۇرىدۇ ھال رەڭ بۇلۇتلار.
كۈمۈش رەڭ لىنتىدەك شارقىراتمىنىڭ،
جامىدىن سۇ ئىچەر بۇغا - ماراللار.
(ت. ئالماس)
بۇ شېئىرنى مۇنچىلىك جانلىق، روشەن ۋە يېقىملىق قىلغان نەرسە، شائىرنىڭ ماھارەت بىلەن ئۆز ئورنىدا ئىشلەتكەن سۈپەتداشلىرىدۇر.
سۈپەتلەرنىڭ شەكىللىرى خىلمۇخىل، ئېپتىت ئۈپۈن كۆپرەك سۈپەت سۆزلىرى ئىشلىتىلىدۇ، رەۋىش ۋە رەۋىشداشلىرى سۈپەتلەش ئورنىدا كېلىشى مۇمكىن.