ئالدىچىلىق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئاۋانگارتىزىم. 20 - ئەسىردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، بۇرۇنقى رېئالىستىك ئەنئەنىلەردىن چەڭ - چېگرا ئاجرىتىپ، يېڭى ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ۋە يېڭى ئەسەر قۇرۇلمىسى ئىزدەش.
<ئالدىچىلىق> دېگەن بۇ ئاتالغۇ 20 - ئەسىردىكى ئوبروزچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان. 50 - يىللاردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتشۇناسلىقتا بېكىتىلگەن، ئەمما، توغرا ئىلمىي مەنىسى بېكىتىلگىنى يوق.
ئالدىچىلىق، 20 - ئەسىردىكى بۇرژۇئا مەدەنىيەت بوھرانىنىڭ كېڭەيگەن ۋە مۇرەككەپلەشكەن ھالىتى. ئالدىچىلىق گۈللەنگەن دەۋردە (1905 - 1930 - يىللار) ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھازىرقى زامانچىلىقنىڭ بەزى ئېقىملىرىدا، مەسىلەن: ھايۋانچىلىق، تىكلىمىچىلىك (ستېرېئوچىلىق)، كېلەچەكچىلىك، ئىپادىچىلىك، داداچىلىق، ئۈستۈن رېئالچىلىق، <ئاڭ ئېقىمى> ئەدەبىياتى قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئالدىچىلىق ئېقىمى ئىچىدە ھەر خىل يازغۇچى، سەنئەتكارلار ئىجادىي تەقدىرى، ئىجتىمائىي مەيدانى ۋە گۈزەلچىلىك ئىدىيىسىدە بىر - بىرىگە ئۇخشىمايتتى. بەزىلىرى بۇرژۇئا مەدەنىيىتىنىڭ زاۋاللىققا ئۇچرىشى، سەنئەت بوھرانى، ئىجتىمائىي ئاپەت، ئىنقىلاپ بورانلىرى ئالدىدا ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، ئۈمىدسىزلەندى. بەزىلىرى سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ قالايمىقانلىقى ئىچىدە تەۋرىنىپ نىگلىزم تەرەپكە ئېغىپ كەتتى. ئاشۇنداق ئوخشىمىغان خاھىشلار بەزىدە بىر ئەدەبىي ئېقىم ئىچىدە بىرلىشىپ كەتتى، بەزىدە ئىجادىيەتتە ئۆز ئالدىغا ئىستىل يارىتىشنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى. سوۋېت شائىرى ماياكوۋسكى دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە ئالدىچىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن، كېيىن سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئالدىچىلىق خاھىشى غەرب دۇنياسىدا يەنە باش كۆتۈرۈپ يېڭى ئالدىچىلار، يېڭى ھېكايىچىلار قاتارلىق ئېقىملارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.