ئەتيۇد
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئانچە چوڭ بولمىغان ئەدەبىي، ئىلمىي ياكى پەلسەپىۋى ئوچېرىك. بۇ ئاتالغۇ مۇنداق مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ: 1) تەسۋىرىي سەنئەتتە بىرەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە (ئەسلىگە) قاراپ ئىشلەنگەن، ئادەتتە بىرەر چوڭ ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن ماتېرىيال بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان دەسلەپكى رەسىم، ئېسسىكىز ۋ. پ. 2) ئىجرا قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېزىلغان مۇزىكىلىق تىياتىر. 3) تىياتىر پىداگوگىكىسىدا ئاكتىيورلۇق تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى مەشق.