ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسى ئىنقىلابىي ئەدەبىيات _ سەنئەتنى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. ئۇ، پارتىيىمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەتى ۋە سىنپىي لۇشيەنىنىڭ ئەدەبىيات _ سەنئەتتىكى كونكرېت ئىپادىلىنىشى. بۇ مەسىلە 1942 _ يىلى يەنئەن ئەدەبىيات _ سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئومۇملاشتۇرۇش: خەلق ئاممىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ۋە ئۇلار ئوڭاي قوبۇل قىلالايدىغان باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى ئەدەبىيات _ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە بۇ خىل ئەسەرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
يۇقىرى كۆتۈرۈشتە: پرولېتارىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بويلاپ، ئەدەبىيات _ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيۋىلىك ۋە بەدئىيلىك سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلق ئاممىسى ۋە كادىرلارغا ئېھتىياجلىق بولغان نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈش دىئالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئاساس، يۇقىرى كۆتۈرۈش يېتەكچى، يەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش بولمايدىكەن، يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى كۆتۈرۈش بولمايدىكەن، ئەدەبىيات _ سەنئەت تەرەققىي قىلالماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋېرىدۇ.