UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىدىئوما

ئىدىئوما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گرېكچە idioma - ئۆزىگە خاس ئىبارە پەقەت بىرلا تىلغا خاس بولۇپ، باشقا تىللارغا ئەينەن تەرجىمە قىلىغىلى بولمايدىغان ئىبارە. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلىدىكى "ئاغزىنى تاتلىق قىلماق"ياكى "بېشىغا كۈن چۈشمەك"دېگەن سۆزلەر سۆزلەر ئىدىئوم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، تاتلىق يېمەكلىكىنى يەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلغانلىقنى ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئارزۇ يولىدا ئۆزىگە ئىلھام بەرگەنلىكىنى ھەمدە شۇ يولدا لەززەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، كېيىنكى ئىدىئوممۇ بېشىغا دەد - ئەلەم، يامان كۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات