UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمىنئاتيۇرا

مىنئاتيۇرا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە _ بۈيۈك سۆزىدىن قەدىمكىقول يازمىلار ۋە تاش باسما كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرىنى بېزىگەن رەڭدار لەۋھە، سۈرەت ۋە باشقا تەسۋىرى نەقىشلەر. ئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرىنىڭ مىنئاتيۇرا سەنئىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ناۋايى، جامى قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئەينى دەۋردە كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ نۇسخىلىرى ماھارەت بىلەن ئىشلەنگەن مىنئاتيۇرىلار بىلەن زىننەتلەنگەن. قەدىمكى مىنئاتيۇرا سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىلىرى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا ۋە يېڭى سەنئەت ئۇسلۇبى بىلەن بىرلەشمەكتە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رەسساملىرى ۋە خەتتاتلىرى ئىشلىگەن نەمۇنىلىك رەسىم ھەم مۇقاۋا نەقىشلىرى بۇنىڭ روشەن دەلىللىرىدۇر. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ يېڭى نەشرىگە ئىشلەنگەن رەسىم ۋە نەقىشلەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. مىنئاتيۇرا دېگەن سۆز يەنە ئوچېرك، ھېكايە، كىچىك دارامىلارنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بىرلا پەردىلىك كىچىك تىياتىرمۇ «مىنئاتيۇرا» دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر يازغۇچىسى ت. سامساقنىڭ «ئۆي ئىشىمۇ ئىش» دېگەن ئەسىرىنى مىنئاتيۇرا دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات