رادىف
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىر مىسرالىرىدا قاپىيىدىن كېيىن تەكرارلىنىپ كېلىدىغان بىر خىلدىكى سۆزلەر:
سۆز گۈلشەننىڭ بۇلبۇل گوياسى ناۋايى،
مەنە سەدەپىنىڭ دۇرى يەكتاسى ناۋايى.
رادىف خۇددى قاپىيىگە ئوخشاش مىسرالاردىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە ئېستېتىك تەسىرچانلىقىنى تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ قاپىيىدىكى كېيىن تەكرارلىنىپ كېلىدىغان بىر سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
خرامىڭ چاغى يولداش ئولسام ئەدى،
سۈكۈنات ۋاقتى قولداش ئولسام ئەردى.